«مۇنبىچ مۇزاكىرىلىرى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇنبىچ مۇزاكىرىلىرىنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

984920
«مۇنبىچ مۇزاكىرىلىرى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى  بولۇپ قالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسى توغرۇلۇق ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشى مايك پومپيو بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مۇزاكىرىنىڭ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا، تۈركىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دىيانەت مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

پىروگراممىدا كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مۇنبىچ رايونى توغرۇلۇق مەن ۋە ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشىم قارارىمىزنى رەسمىي بەرگەن ۋاقىتتا، ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلايمىز. بۇ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن.»

« F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى تۈپەيلى ئامېرىكا مەجلىسىدە تۈركىيەگە قارشى سەلبىي كەيپىيات بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ: « S-400»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ قالدى. لېكىن بۇرۇن بىز ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن بۇ سىستېمىلارنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەپسۇس سېتىپ بېرىشنى خالىمىدى،  شۇڭا بىز رۇسىيەدىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق، ئەگەر ئامېرىكا بىزگە سېتىپ بېرىشنى خالىسا بىز ئەلۋەتتە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئالىمىز، دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پ ك ك – پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇپ كېلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، سۈرىيەنى پارچىلاپ بۆلىدىغان ھەر قانداق سىياسەتكە ياكى ھەرىكەتكە قەتئىي قارشىمىز. ئاستانا، سوچى ۋە جەنۋە سۆھبەتلىرىدە سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇس مەسىلىسى ئۈسىتىدىمۇ توختىلىپ: تۈركىيە قۇددۇسنى قەتئىي يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر