تۈركىيە غەززەدە دوستلۇق دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىدۇ

تۈركىيە پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا دوستلۇق دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىدۇ.

982835
تۈركىيە غەززەدە دوستلۇق دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى ئەھمەد دەمىرجان بىلەن پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرى جاۋاد ئاۋاد غەززە رايونىدا 180 ياتاقلىق پەلەستىن – تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىش كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

ئەھمەد دەمىرجان ، تۈركىيەنىڭ ياردىمى ئاستىدا  تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن غەززە رايونىدا تەسىس قىلىنىدىغان تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنى تەسىس قىلىش كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالاش مۇراسىمىدا پەلەسىتن سەھىيە مىنىستىرى جاۋاد ئاۋاد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۈچ ساماۋى دىندا «مۇقەددەس جاي» ھېسابلىنىدىغان قۇددۇسنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئاسارەت  ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دەمىرجان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەلەسىتنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شان – شەرەپلىك كۈرىشى، ھەم قۇددۇسنىڭ ھەم مەسجىدى ئەقسانىڭ ھەمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.»

مىنىستىر دەمىرجان پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ئەڭ مۈشكۈل شارائىت ئاستىدىمۇ ھايات – ماماتلىق  كۈرەش ھەم ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زۇلۇمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغانلىقىنى ھەمدە  كۈرەشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەسىتنلىك مەزلۇملارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدىغانلىقىنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ھەققانىيەت ئەھلى ۋە مەزلۇملارنى داۋاملىق باغرىغا بېسىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دەمىرجان، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ، دۆلەت تېررورىزمىغا قارشى ئالەمشۇمۇل تىنچلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرى جاۋاد ئاۋاد بولسا، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن خەلقىنىڭ ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر باسقۇچنى باستىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. قانداق قارارلار چىقىرلسا چىقىرىلسۇن، ئەركىنلىكىمىز ھەم مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنگە قەدەر، پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى  قۇرۇپ چىققانغا قەدەر ھارماي – تالماي قەتئىي  كۈرەش قىلىمىز، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار نىشانىمىزدۇر. دەرۋەقە، ھېچقانداق بىر قارار بىزنىڭ ئىرادىمىزنى قەتئىي تەۋرىتەلمەيدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ماددىي، مەنىۋى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن داۋاملىق بىزنى قوللاپ كەلمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە سايىسىدا ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر