ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

981351
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئىككى رەھبەر، سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش مۇساپىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاستانا مېخانىزىمى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارغا ئىشارەت قىلىشتى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھىمايىسىدە ساغلام شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاكىمىيەت ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىجابىي ھەرىكەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىككى رەھبەر يەنە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈىيىتىنى تەكىتلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەگە ئالاقىدار سىياسىي مۇساپىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئورۇن بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى. ئىككى رەھبەر، سۈرىيەنىڭ ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى بىر توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلانماسلىقى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر