ئەردوغان، تۈركىيە - بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

975281
ئەردوغان، تۈركىيە - بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا، خەلقئارا سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، 3 يىللىق سېغىنىشتىن كېيىن قايتىدىن سارايېۋوغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىگە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن خەلقئارا سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەھمەت ئېيتتى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشى باشلىقى دەنىس زۋىزدىج ۋە مىنىستىرلار كېڭىشى مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق پىلانلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىقتىسادتىن مائارىپقىچە، ساياھەتچىلىكتىن مەدەنىيەتكىچە بولغان بارلىق ساھەلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، تۈركىيەدە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكىدىنمۇ كۆپ بوشناق، ئالبانىيە نوپۇسىدىنمۇ كۆپ ئالبان بارلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيەنىڭ ئاساسەن ھەممىلا شەھىرىدە بالقان رايونى، كاۋكازىيە، تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ياشايدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بالقان ئەللىرى بىلەن چېگراسىمۇ يوق دۆلەتلەر، تۈركىيەنى بالقان رايونىدىكى بىر رەقىب كۈچتەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېدى.

بوشناقلار بىلەن بىرلىكتە سېرىپلارنى، ھىرۋاتلارنى، ئالبانلارنى ۋە ماكېدونلارنىمۇ باغرىغا بېسىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ يولدا ناھايىتى مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر