ئەردوغان بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا زىيارىتىنى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

975010
ئەردوغان بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى پايتەخت سارايېۋودىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ كۈتۈۋالدى. ئارقىدىن ئىككى رەھبەر پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى بىناسىغا باردى. ئەردوغاننى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى بىناسىغا كىرىش ئەسناسىدا «خوش كەلدىڭ، رەئىس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان يۈزلەرچە بوشناق ۋە تۈركلەر قارشى ئالدى.

ئەردوغان باكىر ئىززدەتبېگوۋىچ بىلەن بىرلىكتە خەلققە سالام بەردى.

ئەردوغان، بوسنىيە ئۇرۇشى غازىسى مۇجو ئاگانوۋىچ بىلەن بىردەم سۆھبەتلەشتى.

ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئەردوغان بىلەن ئىززەتبېگوۋىچ، ھەيئەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى دائىرىسىدە، ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلىدۇ.

ئەردوغان يەنە، خەلقئارا سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر