تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پاناھ جايلىرى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

966118
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھاقۇرق رايونىدىكى قاراۋۇلخانا ۋە ئۈستۈنكى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغان.

ھاۋا ھۇجۇملىرىدا،  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پاناھ جايلىرى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر