چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە بەزى جازالارنى يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

964912
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ، «تۈركىيەدىن جاۋابىنى ئالىدۇ، (چۈنكى) بۇ ئىتتىپاقداشلىققا ياراشمايدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئامېرىكىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەگە ۋىزىسىز ساياھەتكە بېرىش توغرىسىدىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «رۇسلار، ۋىزىلارنى بۇ يىل تولۇق بولمىسىمۇ، رەسمىي ۋە خىزمەت پاسپورتلىرى ئۈچۈن بىكار قىلىشنى تەكلىپ قىلدى. قىسمەن بولسىمۇ بۇ يىل ۋىزىلار بىكار قىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر