تۈركىيە لىۋىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى مەملىكەتلىك ئالىي سايلام كومىتېتىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

963088
تۈركىيە لىۋىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى مەملىكەتلىك ئالىي سايلام كومىتېتىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «لىۋىيەنىڭ خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقىنى ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلغان بۇ پەسكەش قىلمىشقا قارشى تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقىگە ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى تەكرارلايمىز» دېيىلدى.

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى ئالىي سايلام كومىتېتى بىناسى تۈنۈگۈن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 19 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر