تۈركىيە كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

961310
تۈركىيە كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، «بۇ خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ رەھمەت تىلەيمىز، يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە يارىلانغۇچىلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۈگۈن ئەتىگەن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلگەن، 45 ئادەم يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر