تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېرنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېرنىڭ تۈنۈگۈن گىرېتسىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزلىرىگە «ئەستايىدىللىقتىن يىراق ۋە ئاساسسىز» دەپ باھا بەردى.

959625
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېرنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، جانكېرنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەستايىدىللىقتىن يىراق، قانۇنىي ئاساستىن مەھرۇم بۇ باياناتلارنى رەت قىلىمىز» دېدى.

ئاقسوي، جانكېرنىڭ گىرېتسىيە پارلامېنتىدا قىلغان تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېرنىڭ گىرېتسىيە پارلامېنتىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە «ئىتتىپاق ھەمكارلىقى» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دانىشمەنلەرچە ھۆكۈم چىقىرىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئالاقىدار رىم – گىرېك پىكرىگە تايانغان بۇ باياناتلار بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىشەنچلىكلىك ئورۇنلىرىنى كۈنسېرى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يوقىتىپ قويماقتا. ئەستايىدىللىقتىن يىراق، قانۇنىي ئاساستىن مەھرۇم بۇ باياناتلارنى رەت قىلىمىز» دېدى.

جانكېرنىڭ، ئۆتكەن ئاي تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە رايونىدىكى چەكلەنگەن ھەربىي رايونغا كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى نەپەر گىرېتسىيە ئەسكىرىنىڭ «چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى لازىم» دېگەن باياناتىدىن تەئەججۈپلەنمەي تۇرالمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى ئاقسوي، «تۈركىيە قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قانۇن ئالدىدا ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر. خالىغىنىدا قانۇن دۆلىتىنى خاتىرىلىتىپ، مەنپەئەتىگە توغرا كەلگەندە بولسا، داۋاملىشىۋاتقان ئەدلىيە مۇساپىسىگە مۇداخىلە قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان باياناتلارنى بېرىشتىن تارتىنمايدىغان بۇ ئىككى يۈزلۈك تونۇشنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر