تۈركىيە - رۇسىيە - ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى موسكۋادا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

959029
تۈركىيە - رۇسىيە - ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى موسكۋادا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ 28 – ئاپرېل شەنبە كۈنى موسكۋادا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى، يىغىندا «ئاستانا مېخانىزمى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇھاكىمە قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئاستانا سۆھبەتلىرى سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە ئۈچ دۆلەتنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن تۇنجى قېتىم 2017 – يىلى يانۋاردا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا باشلىغانىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋ ۋە زەرىف ئاخىرقى قېتىم 15 – مارتتا ئاستانىدا چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر