چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ياۋروپادا ئىچكى سىياسەت ماتېرىيالى قىلىنماسلىقى كېرەك

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپادا ئىچكى سىياسەت ماتېرىيالى قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

958171
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ياۋروپادا ئىچكى سىياسەت ماتېرىيالى قىلىنماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش باشلىقى مىرئوسلاۋ لاجكاك رىياسەتچىلىكىدە 24-، 25 – ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق بەرپا قىلىش ۋە تىنچلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى» تېمىلىق يىغىن دائىرىسىدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى لاجكاك ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، گېرمان مەنسەپدېشى مائاس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ئىزچىل ئوخشاش. بىز گېرمانىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەت بىلەن ھەردائىم دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. ئەمما، قارشى تەرەپتىمۇ ئوخشاش تونۇش بولۇشى، تۈركىيەگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ 24 – ئىيۇن سايلاملىرىغا ئالاقىدار باياناتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتتە ئىچكى سىياسەت ماتېرىيالى قىلىنماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ ئاساسەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغىنىمىز ياكى تەلەپلىرىمىز بىزگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېل بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، مائاس بىلەنمۇ گابرىئېل بىلەن قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قانۇنىي ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك  ۋە فەتھۇللاھچىلار مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، مائاسنى ئىستانبۇلدىكى گېرمان تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ۋە ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر