يىلدىرىم: مۇنبىچ مەسىلىسىدىمۇ ئىرادىمىز قەتئىي

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ مۇنبىچتىن تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.

945640
يىلدىرىم: مۇنبىچ مەسىلىسىدىمۇ ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇرغا سەپەر قىلىش ھارپىسىدا ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەيلى مۇنبىچتە بولسۇن، مەيلى <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىدە ياكى غەربىدە بولسۇن،  تېررورىزم خەۋپىلا بولىدىكەن، بىزنىڭ بۇ رايونلاردىكى تېررورچىلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. جۈملىدىن، تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»

باش مىنىستىر  يىلدىرىم، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ شەھىرىگە يەنە 50 ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلىكىمىز ھەممىگە ئايان. بۇ رايونلارغا كىملەرنىڭ كەلگەنلىكى، كىملەرنىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى بىزگە نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس. بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىزدۇر، بۇ  كۈرەشنى تاكى تېررورچىلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر