ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە پىرېزىدېنت ترامپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا تېلېفوندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى رەھبەر بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكرارلىغاندىن باشقا، غەززەدە يۈز بەرگەن ۋە 15 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان ۋەقەلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتىمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.