تۈركىيە ھافتانىندا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ ھافتانىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

937558
تۈركىيە ھافتانىندا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ ھافتانىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن مۇداخىلە قىلىپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

شىرناق ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىراق چېگراسىنىڭ 5 كىلومېتىر ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان ھافتانىن رايونىدكى ئاتالمىش بەتكوريا مەشىق لاگېرىدا 4 تېررورچىنى بايقىغانلىقىنى، زەمبىرەكچى قىسىملار ھەمكارلاشقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا رايونغا يوللانغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سايىسىدا 3 تېرروچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر