بوزداغ: ئامېرىكا يا چۈشەنمىدى ياكى چۈشىنىشنى خالىمىدى

باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغ، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەربە ئوبيېكتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

933393
بوزداغ: ئامېرىكا يا چۈشەنمىدى ياكى چۈشىنىشنى خالىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغ، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەربە ئوبيېكتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتلىرى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى ھازىرمۇ چۈشىنەلمىگەنلىكلىرىنى ياكى چۈشىنىشنى خالىمىغانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.

«زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بىگۇناھ پۇقرالار ياكى كوردلارغا قارشى بىر ھەرىكەت ئەمەس؛ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىر ھەرىكەتتۇر. ھەرىكەتتە پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلمىدى؛ سۇ، ئاشلىق، دورا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىنمىدى» دېگەن بەكىر بوزداغ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى ئاجىزلىتىپ قويغانلىقىغا دائىر قاراشلارنىڭمۇ ئاساسسىز ۋە يالغان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئاھالىلەر رايونلىرىنى ۋەيران قىلماستىن  ھەربىي ھەرىكەتنى ئۇتۇقلۇق ھالەتتە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوزداغ، «تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بېرىشى كېرەك بولغانلارنىڭ ھېلىھەم يالغان ۋە خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى تۈركىيە دۈشمەنلىكىدۇر. تۈركىيە ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، ھېچكىمنىڭ يۇقىرى باھاسىنى كۈتمەستىن ئۆزى توغرا، دەپ قارىغان يولدا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، تۈركىيە ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى ئافرىننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر