تۈركىيە لاھوردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
930346
![تۈركىيە لاھوردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6a57/5486/4545/5a8fb11c5061a.jpg?time=1718900015)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا پاكىستانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، «مەزكۇر خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718900015)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.