چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 19-مارت ئامېرىكادا مۇنبىچ توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

929697
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-رۇسىيە 6-قېتىملىق ئورتاق ئىستراتېگىيە پىلانلاش گۇرۇپپىسى يىغىنى، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا چاقىرىلدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. سۈرىيە مەسىلىسى ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن 19-مارت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان مۇنبىچ تېمىلىق يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «19-مارتتىكى ئۇچرىشىش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىدە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (13-مارت) تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇنبىچ توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ رايوندىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەممە يەردە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ، رايوندىكى دۆلىتىمىزگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان تېررورىستلارنى يوقىتىشتۇر. بىز بارغان ھەممە يەردە خەلققە ياردەم قىلىۋاتىمىز، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى سۈرىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىش ئەمەس» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا: «S-400 لەرنى قانچىلىك تېز سىتېۋالساق شۇنچىلىك ياخشى» دەپ جاۋاب بەردى. لاۋروۋ بولسا بۇ سوئالغا: «S-400 لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۆزىگە ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە مەڭگۈلۈك بولمىسىمۇ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا، رايوندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر