ئىراندا تۈركىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدا تۈركىيەگە تەۋە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

927286
ئىراندا تۈركىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا تۈركىيەگە تەۋە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئايروپىلاندىكى 8 يولۇچى بىلەن 3 خادىمىدىن خەۋەر ئېلىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شارجا شەھىرىدىن قوزغىلىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ئايروپىلاننىڭ ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، ئايروپىلاننىڭ تاغلىق رايونىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ تېھراندىكى ئەلچىسى ھاكان تەكىنمۇ ئايروپىلاندا 3ى ئايروپىلان خادىمى بولۇپ جەمئىي 11 ئادەمنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەلچى ھاكان تەكىن ئىزدەش –قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ماڭغانلىقىنى، لېكىن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر