ئەرزۇرۇمدا يۈزلەرچە قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

ئەرزۇرۇمدا يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 354 قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى.

924746
ئەرزۇرۇمدا يۈزلەرچە قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئاغرى – ئەرزۇرۇم دۆلەتلىك تاش يولى بىلەن شىمالىي ساھىل يولى بويىدا گۇرۇپپىلار ھالىتىدە كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، نەق مەيدانغا يېتىپ باردى ھەمدە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئافغانىستانلىق ۋە پاكىستانلىق 200 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

شۇنىڭ بىلەن، ئالدىنقى كۈنى قولغا چۈشكەن 154 قانۇنسىز كۆچمەن بىلەن بىرلىكتە يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە تۇتۇلغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 354 كە يەتتى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن ئاشقەلئەدىكى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر