فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەكتەپلىرى تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

تۈركىيە مائارىپ ۋەقپى، ئافغانىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق 12 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 3 دەرسخانىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

918336
فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەكتەپلىرى تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى مېدىيا ۋە ئۇچۇر – ئالاقە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز بىلەن ئافغانىستانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد ئىبراھىم شىنۋارى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئافغانىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق 12 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 3 دەرسخانىنىڭ تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر