تۈركىيە قۇددۇس مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشكە ئالاقىدار باياناتىنىڭ ئىنتايىن قايغۇلۇق بايانات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

917361
تۈركىيە قۇددۇس مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى ماي ئېيىدا قۇددۇسقا يۆتكىمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تولىمۇ قايغۇلۇق باياناتىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھەق ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى بىلەن خەلقئارا قانۇننى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارلىرىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاياق ئاستى قىلىپ، تىنچلىقنىڭ ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق سىېلىشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر