تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن پايتەختى شەرقىي قۇددۇستا يېڭى تۇرالغۇ رايونى بەرپا قىلىش قارارىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8ec1/fce8/1d75/5ab3a5216ed4e.jpg?time=1718813665)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن پايتەختى شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن يېڭى تۇرالغۇ رايونى بەرپا قىلىش قارارىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن پايتەختى شەرقىي قۇددۇسنىڭ جەنۇبىدا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن كۆپ قىسمى پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۈلكى بولغان جايدا 3 مىڭ ئۆي سېلىشنى تەستىقلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ قارارنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە ب د ت مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسىرائىلىيە پەلەستىن زېمىنلىرىدا تۇرالغۇ رايونى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىشغالىيەتنى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىلىككە ئۆزگەرتمەكتە ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساسىنى يوقاتماقتا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718813665)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718813665)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.