تۈركىيە گوللاندىيەگە «ئىرقىي قىرغىنچلىق»تۆھمىتى سەۋەبىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

916307
تۈركىيە گوللاندىيەگە «ئىرقىي قىرغىنچلىق»تۆھمىتى سەۋەبىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  گولاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ « 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر»نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ياۋروپانىڭ قەلبىدە يۈز بەرگەن سىرېبرېنىتسا قەتلىئامىغا كۆز يۇمغان بىر دۆلەتنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ بىمەنە قارارىنىڭ نە تارىختا نە ئادالەتتە كۈچى يوق. بولۇپمۇ بۇ قارارنىڭ ئازراقمۇ قانۇنىي ۋە ھەقىقىيلىقى يوق.»

تۈركىيەنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تارىخىي ھادىسىلەرگە ۋە قانۇنىي پىرىنسپلارغا تايىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ياۋروپانىڭ قانۇنىي چۈشەنچىسى ۋە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرى 1915-يىلدىكى ۋەقەلەردە يوللۇق ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا 3كە قارشى 142 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ لايىھەسىگە تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «تەڭپۇڭ» پارتىيەسى رەت ئاۋازى بەردى.

«تەڭپۇڭ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تۇناھان تۇزۇ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ: يەرلىك سايلام يېقىنلىشىۋاتىدۇ، پارتىيەلەر ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى، دېدى.

گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا چىقىرىلغان بۇ قارار «ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئېنىقلىنمىسىدا خەلقئارا مەھكىمىلەرنىڭ ھۆكۈملىرى،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە دەلىللىرىدىكى خۇلاسىلەر يېتەكچىلىك رول ئوينىشى كېرەك»دېگەن ھۆكۈمەت پىرىنسپىغىمۇ زىت ھېسابلىنىدۇ.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاندۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ روھىي بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر قارارنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى نۇقتىسىدىن ھېچقانداق كۈچى ۋە ئەھمىيىتى يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر