تەشكىللىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئامېرىكا - تۈركىيە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا دائىر تەپسىلاتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۈچ ئايرىم خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

915594
تەشكىللىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئامېرىكا - تۈركىيە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا دائىر تەپسىلاتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا قۇرۇش قارار قىلىنغان «ئۈنۈم مەركەزلىك مېخانىزم» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئورتاق مېخانىزم خىزمەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن پايتەخت ئەنقەرە ياكى ۋاشىنگتوندا باشلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئاقسوي، بۇ دائىرىدە ئۈچ ئايرىم خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مەزكۇر گۇرۇپپىلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە باشلايمىز. تۇنجى قېتىملىق يىغىنلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچى خىزمەت گۇرۇپپىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە كونسۇلخانا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە، ھەر ئىككى دۆلەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. ئىككىنچى خىزمەت گۇرۇپپىسى بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەدىكى «تېررورچى» گۇرۇپپىلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىشىغا ئالاقىدار ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

ئاقسوي، نۆۋەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مۇنبىچ مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇنبىچكە ئالاقىدار ۋەدىلىرىنىڭ قانداق  ئورۇندىلىدىغانلىقى بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۈچىنچى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدا تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە، ئىچكى ئىشلار، ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى بىلەن ھەربىي دائىرىلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭمۇ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاقسوي، «بىز بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا ھەرگىزمۇ بىر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، دەپ قارىمايمىز، مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ، «تىللېرسون ئەنقەرە زىيارىتى ئەسناسىدا پ ك ك / پ ي د مۇناسىۋىتىنى قوبۇل قىلدىمۇ؟» دېگەن سوئالغا «پ ك ك  نىڭ پ ي د / ي پ گ بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بارلىقى پەقەت بىز تەرەپتىنلا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كۆپلىگەن كىشى ۋە ئورگانلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بىر مەسىلە» دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتچى ئاقسوي، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ 22 – نويابىردا سوچىدا ئۆتكۈزگەن سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا تۈركىيەدە چاقىرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىغىندىن ئىلگىرى ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 16 – مارتتا ئاستانىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر