تۈركىيە – سۇدان مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاقان چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
![تۈركىيە – سۇدان مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f08c/0736/d53e/5a8d16d1ccea1.jpg?time=1718781928)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن سۇدانغا يېتىپ بارغان ھاقان چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت خارتۇم ئايرودۇرۇمىدا ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ئەبۇ زەيد تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە سۇدان باش مىنىستىرى بەكرى ھەسەن سالىھ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختىلىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى تولۇق قوللاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاقان چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۇدانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن سەۋاكىن ئارىلىدىكى يادىكارلىقلارنى رېمونت قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە 20 كىشىلىك ئەترەتنىڭ ئارالدا تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ 2500 كىشىگە يېمەك – ئىچمەك يېشىكلىرى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چاۋۇشئوغلۇ، رېمونت خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان سۇلتان ئەلى دىنار سارىيىنىمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718781928)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718781928)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.