«تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ»

تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

915267
«تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلۋان مەرسىندە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان «ۋاپادارلىق ئۇچرىشىشى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەپەر بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىنى ۋە رايوندا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تاكى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز. <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رايوندا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىدۇ. تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر