«ئامېرىكا تېررورچىلار مەسىلىسىدە تۈركىيەنى كولدۇرلىتىشتىن ۋاز كېچىشى لازىم»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەسىلىسىدە تۈركىيەنى كولدۇرلىتىشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

913899
«ئامېرىكا تېررورچىلار مەسىلىسىدە تۈركىيەنى كولدۇرلىتىشتىن ۋاز كېچىشى لازىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –پ ي د مەسىلىسىدە تۈركىيەنى كولدۇرلىتىشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

بەكىر بوزداغ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا پ ك ك – پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە رايوننىڭ تېررورچىلاردىن تازىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەكىر بوزداغنىڭ ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «دۆلىتىمىز، چېگرالىرىمىز ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز، چېگرالىرىمىز ئەتراپىغا بەرپا قىلىش پىلانلانغان تېررورلۇق كارىدورى ۋە دۆلىتى لايىھەسىنى بىتچىت قىلىمىز.»

پ ك ك- پ ي د ۋە ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېتنىك ۋە ئىدىئولوگىيەلىك تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ۋە يېڭى كۆچمەن دولقۇنىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ: چېگرالىمىز ئەتراپىغا چېگرا بىخەتەرلىك قوشۇنى نىقابى ئاستىدا تېررورلۇق كارىدورى ۋە دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز، دېدى.

ئافرىن رايونىدىكى كۈرت (كورد)، تۈركمەن ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بوزداغ، ئامېرىكىنىڭ نامنىلا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە تېررورچىلارنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى،  رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنى ئالداپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر