تۈركىيە: ئەسەدنىڭ ئافرىنغا ئەسكەر يوللىشىنىڭ ئاقىۋېتى ئېغىر بولىدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ي پ گ نى قوغداش ئۈچۈن ئافرىنغا كىرىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

913945
تۈركىيە: ئەسەدنىڭ ئافرىنغا ئەسكەر يوللىشىنىڭ ئاقىۋېتى ئېغىر بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەكىر بوزداغ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«تۈركىيەنىڭ ئىرادىسى قەتئىي، ئۇنىڭدىن قايتىش مۇمكىن ئەمەس، ھەم ئۇنداقمۇ بولمايدۇ» دېگەن بوزداغ، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئافرىنغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچى يوللىمايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ي پ گ نى قوغداش  ئۈچۈن ئافرىنغا كىرىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» دېدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 1651 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بوزداغ، رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلىپ بولمىغۇچە بۇ كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەكىر بوزداغ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبىچقا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن قۇرۇپ چىقىلىدىغان كومىتېتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىكى (مۇنبىچتىكى) تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىسى قەتئىي. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇ يەردىن ي پ گ نى چېكىندۈرمىسە، ئاخىرقى سۆزنى بىز قىلىمىز. بىز، مەسىلىنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا كېرەك قالماستىنلا دىيالوگ ئارقىلىق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر