گوللاندىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى
گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە تۈركىيە پۇقرالىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.
![گوللاندىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b791/28bb/3c98/5a8a72580deb7.jpg?time=1718725330)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە تۈرك ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش مەقسىتىدە «تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ پ ك ك غا قارشىمىز»نامى ئاستىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيەنىڭ لاھەي ئەلچىخانىسى ئۇدۇلىدىكى مالىئېۋېلد مەيدانىدا باشلىغان يىغىلىشقا نۇرغۇن ياش ئاۋاز قوشتى، يىغىلىشقا قاتناشقلارنىڭ قولىدا تۈركىيە بايرىقى بار ئىدى.
يىغىلىشقا قاتناشقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىر تەرەپتىن تەكبىر توۋلىسا بىر تەرەپتىن «تۈرك كۈرت قېرىنداشتۇر، پ ك ك قاتىلدۇر، لەنەت بولسۇن پ ك ك ، تېررورچى پ ك ك، شېھتىلار ئۆلمەيدۇ ۋەتەن پارچىلانمايدۇ، تۈرك بولۇش نېمە دېگەن خوشاللىق ئىش، ۋەتەن ساڭا جېنىم پىدا بولسۇن»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.
نۇرغۇن ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن يىغىلىش بىر سائەت داۋاملاشتى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د –پ ك ك چوماقچىلىرى ئۆتكەن ئاي پايتەخت ئامستېردامدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئىككى تۈرك تاكسىچى بىلەن بىر مۇخبىرنى ئۇرۇشقانىدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى چوماقچىلىرى يەنە ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئۇترېچ پويىز ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە پۇقرالىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – پ ك ك چوماقچىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپادىكى نۇرغۇن جامەگىمۇ ھۇجۇم قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718725331)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718725331)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.