ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى چەلىك بۇلغارىيەدە
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنى ئۈچۈن بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
![ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى چەلىك بۇلغارىيەدە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9e1b/2f9b/24c4/5a8679492d12c.jpg?time=1718837575)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە چاقىرىلغان ۋە ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، سۈرىيە كىرىزىسى، غەربىي بالقان رايونى ۋە شىمالىي كورېىيە قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئۆمەر چەلىك «بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ھەمكارلىق» تېمىلىق ئولتۇرۇشقا قاتنىشىدىكەن ۋە سۆز قىلىدىكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718837575)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718837575)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.