تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشتى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

911927
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىككى مىنىستىر ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە كېلىشتۇق، دېدى.

ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈستىدىلا ئەمەس، رايونلۇق مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمىز ئۈستىدىمۇ توختالدۇق، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىدىن كۈتىدىغانلىرى ۋە تەلەپلىرى پەرقلىق، تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىسىمىز تىللېرسوننى قوبۇل قىلغاندا مەيدانىمىز ۋە قارارىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق، بىز ئالدى بىلەن فەتھۇللاھ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نى قوللىشىغا قانداق قارايدىغانلىقىمىزنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدۇق، بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئورۇندىلىشى ۋە ئەمەلىي قەدەملەر تاشلىنىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا كېڭەشتۇق. »

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسوننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىلىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

«ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىمىزگە ئەستايىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دېگەن چاۋۇشئوغلۇ: بارلىق مەسىلىلەر كېڭەش قىلىنىدىغان يېڭى مېخانىزمىنى كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدۇق، دېدى.

2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈركىيەگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، بىراق ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇنبىچ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا ي پ گ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بۇ يەردىن چېكىنىپ چىقىشى لازىم، سۈرىيەدە تەرتىپنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن بۇ تولىمۇ مۇھىمدۇر.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننمۇ «تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل ۋە ئىستىراتېگىيەلىكتۇر»دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەندىشىلىرىنى تەپسىلىي پاراڭلاشتۇق، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نوقۇل مەنپەئەتكە تايانغان ئەمەس، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كونا ئەزالىرىدىن بولۇپ، بىز ئافغانىستان ۋە كورېيە قاتارلىق نۇرغۇن جايدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدۇق، دېدى.

سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا جەنۋە يىغىنىنىڭ مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان مېھمان مىنىستىر، تۈركىيەنىڭ 7 يىلدىن بۇيان 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىپ پۈتكۈل دۆلەتكە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىكى نىشانىمىز ئوخشاش بولۇپ، سۈرىيەنى دائېشتىن تازىلاپ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت، مۇستەقىل سۈرىيەنى قوللايمىز، سۈرىيە خەلقى ئۆز رەھبىرىنى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن سايلاپ چىقىشى لازىم، بىز بۇ ئىشنى بىرلىكتە تەشكىللەيمىز، مۇنبىچ مەسىلىسى قۇرۇلماقچى بولغان خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كېڭەش قىلىنىدۇ، بىز مۇنبىچقىلا ئەمەس شىمالىي سۈرىيەگىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.»

رېكس تىللېرسون «ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مۇنبىچتىن چېكىنىپ چىقامدۇ؟»دېگەن سوئالغا «رايوننىڭ تىزگىنىنى ئۆزىمىز تۇتساق ياخشىراق بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەردى.

« ئامېرىكا ي پ گ نى قوللاشنى توختىتامدۇ؟ »دېگەن سوئالغا تىللېرسون مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئامېرىكىدا دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈنلا راسخوت ئاجرىتىلدى، بۇنىڭدىن باشقا راسخوت ئاجرىتىلمىدى.»

تىللېرسون « فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەم تاشلىنامدۇ يوق؟»دېگەن سوئالغا «تۈنۈگۈن ھۆرمەتلىك ئەردوغان بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، بىز دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز، مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىمىز، يېڭى دەلىللەرنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلىمىز، تۈركىيە بىزگە ئەۋەتكەن بارلىق ماتېرىياللار ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز»دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر