تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق تېررورچىلار پاناھ جاي، ئىستېھكام ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 8 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

910109
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلارغا داۋاملىق زەربە بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىناس – ھافتانىن مەتىنا، گارا، ئاۋاشىن ۋە باسيان رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ساقچىخانىلار ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغان، بۇ جەرياندا تېررورچىلار پاناھ جاي، ئىستېھكام ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 8 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنىمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىناس – ھافتانىن رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلار پاناھ جاي، ئىستېھكام ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 16 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر