ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئافرىن ۋە ئىدلىب قاتارلىق سۈرىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.
![ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1e24/2a9a/6b94/5a71e49f376b6.jpg?time=1718832099)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا يېڭى كۆزۈتۈش نۇقتىلىرىنى سېلىش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاستانا سۆھبەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
شەرقىي غۇتەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ توختالغان ئىككى رەھبەرنىڭ، سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىرادىلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلىشى قارار قىلىندى.
سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بىرىنچى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى 2017 – يىلى 22 – نويابىردا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718832099)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718832099)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.