ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.
![ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5177/235e/88a2/583fe91ec3ec0.jpg?time=1718828788)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى پرېبېن ئامان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاسك بىلەن يۇنكېرنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يازغان خېتىنى ھەمبەھىرلەشتى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تاسك بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بورىسوۋ 16 – مارت كۈنى ۋارنا شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
مەكتۇپتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇلتۇر 25 – ماي كۈنى ئەردوغان، تاسك ۋە يۇنكېر بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىندا ئۇچراشقان ھەمدە كېيىنكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تاشقى سىياسەت قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان.
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىنى خۇرسەن قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان مەكتۇپتا، رەھبەرلەر ئارا ئۇچرىشىشنىڭ 26 – مارت كۈنى خىزمەت زىياپىتى تەرىقىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن، ئۇچرىشىشنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ بېكىتىلىشى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى جەھەتتىن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچرىشىشنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718828788)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718828788)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.