تۈركىيە ئارمىيەسى 40 جاينىى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن قۇتقازدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى جەريانىدا ئافرىننىڭ شەيخ خۇرۇز يېزىسىنى ۋە تۆۋەن تەرەپتىكى ئولتۇراق رايون بىلەن ھاۋۇز چوقۇسىنى بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك دىن تازىلىدى.

905826
تۈركىيە ئارمىيەسى 40 جاينىى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن قۇتقازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئافرىندە تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى باشلانغان ھەرىكەت 19 – كۈنىدىمۇ داۋاملاشماقتا. 

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئافرىننىڭ شىمالىدىكى بۇلبۇل رايونىغا قاراشلىق شەيىخ خۇرۇز، ئوتتۇرا شەيخ خۇرۇز ۋە يۇقىرى شەيخ خۇرۇز دەپ بىلىنىدىغان ئولتۇراق رايونلاردىن باشقا يەنە، ھاۋۇز چۇقىسىنىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ پ ك ك دىن قۇتقازدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى ھەرىكەت باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان، پ ي د / پ ك ك ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئافرىننىڭ 5 رايون، بىر رايون مەركىزى، 24 يېزا، 3 تۆۋەن تەرەپ ئولتۇراق رايونى ۋە 12 ئىستىراتېگىيەلىك تاغ – چوقىلار بولۇپ، جەمئىي 40 نوقتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن قۇتقازدى.

تېررولۇق تەشكىلاتىدىن تازىلانغان ئولتۇراق رايون ۋە ئىستىراتېگىيەلىك رايونلار تۆۋەندىكىچە:

بۇلبۇل رايون مەركىزىدىن باشقا يەنە، شېنگال، زەھران، بالى كۆي، كۇرنى، ھاي ئوغلۇ، ھەفتار، ئۇرسا، باك ئوباسى، ئەلى كار ۋە شەيىخ خۇرۇز يېزىلىرى، خۇرۇز تېغى، دارمىك تېغى، كۇرنى تېغى، ھاۋۇز چوقۇسى،  كوردۇ، شەيىخ خۇرۇز يېزىىسىغا قاراشلىق ئىككى يېزا ئاستىنقى ئولتۇراق رايونى، راجۇ رايونى، ئەيىن باتمان تېغى، ئەدامانلى، ئەلى بەككى، بىلال كۆي، ئۆمەر ئۇشاغى، مامەل ئۇشاغى، سۇلايمان خەلىل، ساتى كاغى، ئالكانا ۋە قىزىللار يېزىسى، 1017 چوقا، شەيىخ ھادىد رايونى، شەيخ ھەدىد چوقۇسى، كارا مىتلاق يېزىسى، ھاجى بىلال يېزىسى، جىندەرەس رايونى، ھاممام يېزىسى، مەرسىدېس چوقۇسى، شەران رايونى، بۇرەيسا تېغى، كاتىل جۈندو دىكمەنئاتاش يېزىلىرى ۋە سېرگىيا چوقۇسى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر