تۈركىيە ئىدلىبتا تۆتىنچى كۆزىتىش نۇقتىسىنى تەسىس قىلىدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى «ئاستانا كېلىشىمى» دائىرەسىدە، سۈرىيەدىكى ئىدلىبتا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلىدىغان 4-ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش نۇقتىسى ئۈچۈن رايونغا قاراپ يولغا چىقتى.

903984
تۈركىيە ئىدلىبتا تۆتىنچى كۆزىتىش نۇقتىسىنى تەسىس قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (5-فېۋرال) ئەتىگەندە تۈركىيەدىن ئىدلىبقا قاراپ يولغا چىققان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ھەلەبنىڭ غەربىگە بىخەتەر ھالدا يېتىپ باردى.

تۈركىيە ئىدلىب رايونىغا يېتىپ بارغان قىسىملار بىلەن، تۆتىنچى ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى 2017-يىلى 12-دېكابىر ئىدلىبتا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدى.

سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىدىكى ئىدلىب-ئافرىن لىنيەسىدە، سالۋە يېزىسى بىلەن سامائان قەلئەسى ئەتراپى ۋە شەيخ ئاقىل ئېگىزلىكىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش نۇقىلىرى بار. كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسى پەيدىنپەي ھالدا ئىدلىبنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا سوزۇلىدىغان لىنيە بويىچە 12 رايوندا كۆزىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشىنى كونترول قىلىش قىسمى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان رۇسىيە قىسمى ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىنىڭ سىرتىغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنيەسىگە ئورۇنلىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر