تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سىۋات شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

903115
تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنيا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سىۋات شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا پاكىستان ئەسكرىىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «مەزكۇر خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر