تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 897 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىىسدە جەمئىي 897 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

902787
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 897 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاۋا ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە ئاكيۇپ، پاناھجاي، قورال ئىسكىلاتلىرى مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى بولۇپ، جەمئىي 15 نىشاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى رايوندىن ئىگلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 74 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلار سانى 879 غا يەتتى» دېيىلدى.

باياناتتا ھەرىكەتكە قاتناشقان ئايروپىلانلارنىڭ ساق – سالامەن بازىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى پ ك ك/ك ج ج/ پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى تېررورچىلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر