تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىرقانچە تېررورسىت ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق شىمالىي ئىراققا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورسىت ئۇجۇقتۇرۇلدى.

902144
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىرقانچە تېررورسىت ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «قانى راش» رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، 2 ئەسكەرنى شېھىت قىلغان ۋە 2 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.

تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ نىشانلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق  ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، 3 تېررورسىت ئۇجۇقتۇرۇلغان، تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرى بىتچىت قىلىنغان بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر