تۈركىيە ئەسكەرلىرى نۇرغۇن قورال-ياراغ قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئەسكەرلىرى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە نۇرغۇن قورال-ياراغ قولغا چۈشۈردى.

902080
تۈركىيە ئەسكەرلىرى نۇرغۇن قورال-ياراغ قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە نۇرغۇن قورال-ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 30-ۋە31-يانۋار كۈنلىرىدە پ ك ك – پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، « SA-18 »تىپلىق مۈرىدىن ئېتىلىدىغان ھاۋا مۇداپىئە راكېتامىيوتلار، 4 تال كالاشىنكوپ مىلتىق، 7 يۈرۈش « RPG »تىپلىق راكېتامىيوتلار،3 تاپانچا، مىنا، قول بومبىلىرى، دۇربۇن بولۇپ نۇرغۇن قورال-ياراغ قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر