تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، 29 – يانۋار كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارغا ناھايىتى ئېغىر زەربە بەردى.

901094
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 49 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، 29 – يانۋار كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس، قاندىل، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

رايوندىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 49 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر