تۈركىيە نوپۇسىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ 2017 - يىللىق نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.
![تۈركىيە نوپۇسىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4a80/160a/5ce8/591ab1408f606.jpg?time=1718726718)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 2017 – يىلى 2016 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 995 مىڭ 654 كىشى كۆپىيىپ، 80 مىليون 818 مىڭ 525 كە يەتتى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، «ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسى» نىڭ 2017 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2016 – يىلى 79 مىليون 814 مىڭ 871 بولغان دۆلەت نوپۇسىنىڭ 995 مىڭ 654 ئادەم ئېشىپ، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 80 مىليون 810 مىڭ 525 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئەر نوپۇس نىسبىتى %50.2 (40 مىليون 535 مىڭ 135 كىشى)، ئايال نوپۇس نىسبىتى بولسا، %49.8 (40 مىليون 275 مىڭ 290 كىشى) چىقتى.
نوپۇسنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلى %0.135 بولغان بولسا، 2017 – يىلى %0.124 گە چۈشۈپ قالدى.
ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدە ئولتۇرىغانلار نىسبىتى 2016 – يىلىدىكى %92.3 دىن 2017 – يىلىدىكى %92.5 گە ئۆرلىدى. يېزا – بازارلاردا ياشايدىغانلار نىسبىتى بولسا، %7.5 بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718726718)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718726718)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.