تۈركىيە بارلىق ئاكتىيورلاردىن زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە سۈرىيەدە بارلىق ئاكتىيورلاردىن زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

900664
تۈركىيە بارلىق ئاكتىيورلاردىن زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە  سوچىدا چاقىرىلغان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى»  ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن ئۆكتىچىلەرنىڭ كېپىلى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە سۈرىيەدە بارلىق ئاكتىيورلاردىن زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتمەكتە.»

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» پىلانىغا باشتىن تارتىپلا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن ۋە ئېتىبارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ سىياسىي باسقۇچتىكى رولىغا رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، جەنۋە باسقۇچىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە بۇ پىلاننى قوللايدىغانلىقىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان 2017 – يىلى 22 – نويابىردىكى سوچى يىغىنىدا نامايەن قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

يېقىندىن بۇيان ساھەدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى، يىغىن مەسىلىسىدە ھەل قىلىنالمىغان بىرقاتار ئەندىشە ھەم نائېنىقسىزلىقلار نەتىجىسىدە ئالىي سۆھبەت كومىتېتى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئۆكتىچىلەر بىرلىكىنىڭ يىغىنغا قاتناشماسلىق توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقى ھەمدە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىن سوچىغا كەتكەن ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىنىڭ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرودۇرۇمغا ۋە يىغىن مەركىزىگە قادالغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بايرىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەتكە كىرىشنى خالىمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە بۇ كومىتېتنىڭ 150 ئەزادىن تەشكىل تېپىش پىكرىدۇر. يىغىنغا قاتناشماسلىق توغرۇلۇق قارار چىقارغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا ۋەكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن كېڭىشىش نەتىجىسىدە 50 كىشىدىن تەشكىل تاپقان نامزاتلار تىزىملىكىنى سۇنۇشىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان <جەنۋە باسقۇچى>» دائىرىسىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋكەللىك قىلىش نىسبىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بۇ كومىتېتنى تەشكىل قىلىش جەريانىدا 150 كىشىلىك تىزىملىكتىكى ياكى تىزىملىكنىڭ سىرتىدىكى شەخسلەرنى تاللاش ھوقۇقى ئىگە. ئاساسىي قانۇن كومىتېتى تەشكىل قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆكتىچىنىڭ كېپىلى بولغان تۈركىيە تەرىپىدىنمۇ يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ. تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارغا ئاساسەن سۈرىيەدە ھەقىقىي بىر سىياسىي باسقۇچنى روياپقا چىقىرىش نىشان قىلىنغان تىرىشچانلىقلارغا ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە سۈرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بارلىق ئاكتىيورلاردىن زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر