تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتچىسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ئەنقەرە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى پىرىنىڭ «پ ك ك ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرگىنى يوق» تەرىقىسىدىكى باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
![تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتچىسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7707/e49d/9e96/5a6adca414ce1.jpg?time=1718792300)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي كاتى پىرىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى زىچ ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن بىر كىشىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتۈشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. تۈركىيەگە قارىتا ئەڭ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرىنى تەھدىت دەپ قارىمايدىغان بىر كىشىنىڭ دۆلىتىمىز توغرۇلۇق دوكلات تەييارلىشىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»
پىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرى ۋە باياناتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار بايانلىرىغا يازما جاۋاب بەرگەن ئاقسوي، ئۇنىڭ «پ ك ك ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرگىنى يوق» تەرىقىسىدىكى باياناتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلان قىلىنىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقان قوش ئۆلچەم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتى بولسا يېتەرلىك ئەمەس ھەم بۇ باياناتىنى بىزنىڭ نارازىلىقىمىزغا ئاساسەن بېرىشى تولىمۇ كېچىككەن بىر ئۇرۇنۇشتۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718792301)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718792301)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.