نامەلۇم كىشىلەر زۇرىختىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويماقچى بولدى

شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش كونسۇلخانىسىنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوموبىلىغا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ئوت قويماقچى بولدى.

899680
نامەلۇم كىشىلەر زۇرىختىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويماقچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئاسىيە نۇرجان ئىپەكچى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن نۆۋەتچى ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «بۈگۈن (30-يانۋار) ئەتىگەن 03:09 ئۆتكەندە ئىككى ئەر كىشى گەرەژدىكى كونسۇلخانىنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇۋەتمەكچى بولدى، شۈكرىلەر بولسۇنكى، ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى، ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىدى» دېدى.

باش كونسۇل ئاسىيە نۇرجان ئىپەكچى كونسۇلخانا بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى دائىملىق تەكشۈرۈشىدە ئەھۋالنى بايقىغانلىقىنى ۋە زۇرىخ ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر يىل ئىچىدە كونسۇلخانىمىزغا قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم. ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇرۇنقى ھۇجۇملارنىڭ جىنايەتچىلىرىنى ئېنىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردە ئىلگىرىلەش بولمىدى» دېدى.

2017-يىلى 1-ماي يۈزىگە قارا رەڭلىك ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر، كونسۇلخانا تېمىغا بوياق چېچىپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ھۇجۇمچىلار ۋەقەدە ئاپتوبۇس بېكىتىگە ۋە بېكەتنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى بىناغا «ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭلار» (Kill Erdogan) دەپ يازغان ئىدى.

شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا، ھۇجۇمچىلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى شوئار توۋلىشى ۋە بىناغا ئېتىلغان بوياقلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا سىمۋوللۇق قىلىدىغان رەڭ بىلەن ئوخشاش بولۇشى، ھۇجۇمنى پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى گۇماننى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

2017-يىلى 25-مارت شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندىمۇ، تۈركىيەدە 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن «ياق» يىغىلىشىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشان قىلىنغان «ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭلار» (Kill Erdogan) دېگەن لوزۇنكا ئېچىلغان ئىدى.

شىۋېيتسارىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەر ئىككى ۋەقەگە نىسبەتەن ھازىرغىچە ھېچقانداق تۇتۇش ياكى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلىمىغانلىقى بىلىنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر