«بىردىن كۆپ ئامېرىكا بار»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ بىردىن كۆپ ئمر بارلىقىنى ئېيتتى.

899938
«بىردىن كۆپ ئامېرىكا بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزداغ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باياناتلىرى باشقا، ئىجرائاتلىرى باشقا. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ۋەدىلەرگە قارنىمىز توق. بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، بېرىلگەن ۋەدىگە ئەمەل قىلىشتۇر. تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ۋەدىگىلا قارىمايدۇ، ۋەدە بىلەن بىرلىكتە ۋەدىگە ئەمەل قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقىغىمۇ قارايدۇ. شۇنداق قارايدىغان بولسىڭىز، بىردىن كۆپ ئامېرىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋاللالايسىز. بىرلا مەسىلىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشقا گەپ قىلىۋاتقان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقا گەپ قىلىۋاتقان. بۇنىڭغا قاراپ بەزىدە بىزمۇ تېڭىرقاپ قالىمىز، قايسىسىنىڭ گېپىنى ئىناۋەتكە ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلەلماي قالىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر