تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b0b6/3ec2/137b/5ab35b0f4f644.jpg?time=1718945013)
![afganistan saldiri.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8132/71cd/b8ad/5a6d74a6ce579.jpg?time=1718945013)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.
كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئافغاننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 95 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 158 ئادەم يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718945014)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.