تۈركىيە گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنى قارداق ئارىلىغا يېقىنلاشتۇرمىدى

تۈركىيە، قارداققا چەمبىرەك قويماقچى بولغان گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پانوس كاممېنوسنىڭ ئارالغا يېقىنلىشىشىغا يول قويمىدى.

898638
تۈركىيە گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنى قارداق ئارىلىغا يېقىنلاشتۇرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرىك مىنىستىر ئولتۇرغان ھۇجۇمچى كېمە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى كېمىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن رايوندىن يىراقلاشتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «قارداق رايونىغا گۈلچەمبىرەك ئېتىش ئۈچۈن گىرېتسىيە ھۇجۇمچى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كەلگەن گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پانوس كاممېنوس قارداق ئارىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلمىدى.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، گىرېتسىيە ھەيئىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن قارشىلاشماستىنلا تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم قارداق كىرىزىسىنى خاتىرىلەش كۈنىدە گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە قوشنىلىرىمىزنىڭ لاي سۇدا بېلىق تۇتۇشقا ئىنتىلىشى قەتئىي ياراشمايدۇ. بۇنىڭغا توغرا قارىيالمايمىز. ئەگەر بۇنىڭغا ئوخشاش بىر پائالىيەت بولۇپ قالسا، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ھەردائىم تەدبىرىمىز بار. ھېچكىم ئەندىشە قىلمىسۇن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر