ئەتىكى ئەردوغان-ترامپ كۆرۈشۈشىگە دىققەت مەركەزلەشتى
دۆلىتمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەتە (24-يانۋار) تېلېفوندا كۆرۈشىدۇ.
![ئەتىكى ئەردوغان-ترامپ كۆرۈشۈشىگە دىققەت مەركەزلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/bf48/1c09/2934/5a5612ecdda2c.jpg?time=1718811283)
تۈركىيە رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دىپلوماتىك مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ جازاسىز قالماسلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق» تېمىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سەزگۈر پىرىنسىپلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق، جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەتە پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ، پىرېزىدېنت ترامپ جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ» دېگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718811284)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718811284)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.